باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
كولومبىيەدە تۈرمە توشۇپ كېتىپ، مەھبۇسلارنى باغچىغا قاماشقا باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-15 15:40:07

يېقىندا، كولومبىيە پايتەختى بوگوتادا بىر غەلىتە ھادىسە كۆرۈلگەن. بىر تۈرمە ھەددىدىن زىيادە قىستا قىستاڭ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، تۈرمە ساقچىلىرى 40 نەچچە نەپەر مەھبۇسنى بىر باغچىغا قاماپ، كويزا كىشەنلەر بىلەن ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىگە باغلاپ قويغان. خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ مەھبۇسلار بىر نەچچە گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، بىر نەچچىسى بىرلىكتە كىشەنلەنگەن، ئاندىن كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىگە كويزا بىلەن باغلاپ قويۇلغان، بىر نەچچە ساقچى نۆۋەتلىشىپ ئۇلارغا قارايدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، بۇ مەھبۇسلار بۇ باغچىغا قامالغىلى ئىككى ئاي بولدى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ خىل ئۇسۇل ئىنسانپەرۋەرلىككە يات دەپ ئەيىبلەشتى. بىر قىسىم پۇقرالار مۇنداق دېدى، باغچىغا مەھبۇسلارنى قاماپ قويۇش بەك خەتەرلىك، ئۇلار بالىلىرىنى ئېلىپ باغچىغا كىرىپ ئويناپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ مەھبۇسلارمۇ بەك خاپا. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى، ئۇلار باغچىغا قاماپ قويۇلغان، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىگە كېشەن ئارقىلىق چېتىپ قويۇلغان، ياكى يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان، خۇددى ھايۋانغا ئوخشاش، ئازراقمۇ ھۆرمىتى يوق.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق