شى جىنپىڭ يەر شارى ئايال باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-28 18:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى تۆنۈگۈن نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا يەر شارى ئايال باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يەر شارى ئاياللار ئىشلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار مەھكىمىسىگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون قاتارلىقلار تەڭ مەيدانغا كىرىپ كەلدى. يۈزگە يېقىن دۆلەت رەھبىرىمۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مەيدانغا كىرىپ كەلدى، نۇرغۇن كىشى سەھنىگە كېلىپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ سالاملاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، يەر شارى ئايال باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئاياللار ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. ئاياللار ئازات بولمىسا ۋە تەرەققىي قىلمىسا ئىنسانلارنىڭ ئازاتلىقى ۋە تەرەققىياتى بولمايدۇ.

داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئارزۇلار رېئاللىققا ئايلاندى. يەر شارى بويىچە 143 دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئەر ئايال باراۋەر دەپ ئېنىق بېكىتتى، نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىدا توسالغۇ يوق، ئاياللارنىڭ مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشى، تويلىشىش ئەركىنلىكى، كەسىپ ئەركىنلىكى قاتارلىقلار جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنياغا نەزەر سالساق، ھەر قايسى دۆلەت ھەر قايسى رايونلاردا ئاياللارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا تەڭپۇڭسىز بولماقتا، ئەر ئاياللارنىڭ ھوقۇق، پۇرسەت، بايلىق تەقسىماتى يەنىلا تەكشى ئەمەس، جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى، قابىليىتى، تۆھپىسىگە بولغان تونۇش يەنىلا يېتەرسىز بولماقتا.

ھازىرغا قەدەر ئاياللارغا قارىتىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى كەمسىتىش يەنىلا مەۋجۈت، خورلاش ھەتتا ئاياللارنى نابۇت قىلىش ئەھۋاللىرى يەنىلا دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئەر ئاياللار باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ داغدام يول ئېچىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئەر ئاياللار باراۋەر بولۇش ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەشەببۇسنامىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئاياللار ۋە ئىقتىسادىي ئىجىمائىي ئىشلارنىڭ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارغا قارىتىلغان كەسىپىي مائارىپ ۋە ئۆمۈرلۈك تەربىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىقنى تۈگىتىش، ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان قالاق قاراش ۋە كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئاياللارنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي پائالىئەتلەرگە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىجىتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتى كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
شى جىنپىڭ يىغىندا يەنە جۇڭگونىڭ بىر مۇھىم قارارىنى جاكارلىدى.

يەر شارى ئاياللار ئىشلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىگە بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىش، 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئالاقىدار نىشانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىشكە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدىكى 100 قۇرۇلۇش» ۋە «كۆڭۈللۈك مەكتەپ قۇرۇش توغرىسىدىكى 100 قۇرۇلۇش» نى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن 30 مىڭ ئايالنى جۇڭگوغا كېلىپ تەربىيەلىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە شۇ جايغا 100 مىڭ، ئايال كەسىپىي تېخنىك تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى قاتارلىق يىغىندا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەر شارى ئاياللار تەرەققىيات قارالمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئىنتايىن مۇھىم. ھەر قايسى دۆلەتلەر بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى، زوراۋانلىق دەخلى تەرۈزىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قىز بالىلارنىڭ مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاياللارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك، باراۋەر قاتنىشىشىنى بالدۇراق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دېيىشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى رەھبەرلەر چۈشلۈك خىزمەت زىياپىتىگە قاتناشتى، بىر قانچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ جاي ۋاقتى 28-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يەنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 11 دە رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە سۆز قىلىدۇ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە قېلىپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق زور مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشى، تەشەببۇسىنى شەرھىلەيدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كۆپ تەرەپىزىمنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تەدبىرلىرىنى جاكارلايدۇ.