باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش قىلىش يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-07-31 16:59:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ھەم مۇھاكىمە قىلدى، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىدىكى نىشان بىلەن ئۇيغۇنلاشتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سەل ئاشتى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشى بولدى، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى خېلى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولماقتا، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىنلاشتى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكى بىلەن كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىش؛ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىجتىمائىي سىياسەتنىڭ ئۇلى چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دائىرىلىك تەڭشەپ تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن، ئىنچىكە تەڭشەش؛ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، سىستېمىلىق خىيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە پەسەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خىيىم-خەتەرنى ساقلىنىشنى داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، خەلقنى بېيىتىپ، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈپ، شىزاڭنى ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشى، ئېكولوگىيەنىڭ مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى، بۇ گۇرۇپپا ئاساسلىقى بىرلىكسەپنىڭ مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە مەركەزنىڭ بىرلىكسەپ ھەققىدىكى مۇھىم فاڭجېن، سىياسەت، قانۇن، بەلگىلىمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ مەركەزنىڭ بىرلىكسەپ ھەققىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەركەزنىڭ بىرلىكسەپ ھەققىدىكى مۇھىم فاڭجېن، سىياسەت، قانۇن، بەلگىلىمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق