باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ئىزدىنشى ژۇرنىلى: «<ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي> ياخشى كادىرلاردىن بولايلى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2015-07-07 17:56:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

خەنزۇچە «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 13-سانىدا «<ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي> ياخشى كادىرلاردىن بولايلى» تېمىسىدا ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يولداش لى شېڭچۈەننىڭ «پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەگە سادىق بولۇش ھەم پارتىيە پارتىيەلىك كادىرلارغا قويغان ئەڭ ئاساسىي سىياسىي تەلەپ، ھەم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ساپاسى. «ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسىدە «پارتىيەگە سادىق بولۇش»نى مەركەزلىك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، سەمىمىي ئادەم بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتى كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، تەشكىلگە سادىق بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيە بىلەن ھەمنەپەس بولۇشى كېرەك. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش شىن گۇيزى «شەخسىي پاكلىقتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى ساقلايلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىرلار شەخسىي پاكلىقنى ساقلاشتا، ئالدى بىلەن ئىدىيىۋى-ئەخلاق چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەۋى ئىممۇنت كۈچىنى ئۆستۈرىشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش ۋاڭ تىڭدا «ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتەيلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا سادىقلىق، پاكلىق ۋە ئۈستىگە ئېلىش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يادرولۇق ساپاسى، دەپ ھېسابلىدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق