باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-05-17 11:09:55

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ بىرىكىشى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا، ھەمكارلىق ساھەسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تونۇشى بىردەك بولمىغان مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىمىز، كونترول قىلىشىمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى، رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادنى داۋاملىق سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرىدۇ، زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي ماڭىدۇ. بىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىمىز بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تېزلىتىشنى، بولۇپمۇ سەلبىي تىزىملىك سۆھبىتىنى ئىجابىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، تەڭپۇڭ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت يەنە 3-تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرسە بولىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بىز ئامېرىكا بىلەن بىللە، سىياسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھاسىل قىلىنىپ بولغان ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، بەرگەن بارلىق ۋەدىلەرنى نەقلەشتۈرۈشنى خالايمىز. تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە تەجرىبلەردىن تەڭ بەھىرلىىنشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كېررى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو رىقابەتچىلەر ئەمەس، بەلكى بىربىرىگە تۈرتكە بولۇپ، تەڭ تەرەققىي قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سەھىيە، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەققىيات قارالمىلىرى بويىچە يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ۋە خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق