باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تاشقى سودا ئېكىسپورتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-05-13 15:58:35

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە تاشقى سودا ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. دۆلەتلىك تامۇژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 7 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.3 تۆۋەنلىگەن. ئەمما تاشقى سودىنىڭ ئايلىنىش قۇرۇلمىسى بىر ئاز سەرخىللاشقان، ئادەتتىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورتىنىڭ نىسبىتى ئاشقان، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تاشقى سودا ئېكىسپورتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا بازار تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى 30 يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويىدىكى رايونلار بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلار تاشقى سودىدىكى چوڭ ئۆلكىلەر ئىدى. نۆۋەتتە شەرقىي رايونلاردا ئەمگەك كۈچى، يەر قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كەمچىل بولماقتا، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا ئادەم كۈچى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭكىدىن ئەرزان، شۇڭا دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىكى بەزى كەسىپلەرنى يۆتكەشنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈشتە مەبلەغكە زور دەرىجىدە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ رايونلار ئۈسكىنە، ئېنېرگىيە، خام ئەشيا قاتارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتمەكتە. قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئىمپورت،ئېكىسپورت سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

بەي مىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قولايسىز بولۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى قانات يايدۇرۇشقا باپ ئەمەس ئىدى، ھازىر تۆمۈر يول، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، تاش يوللار زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى؛ دۆلەت كۆپ يىللاردىن بۇيان غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا نۇرغۇن ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ، غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئۆلكىلەرمۇ بەلگىلىك ئۈستۈنلۈكنى ھازىرلىغان، بەزى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك. بەي مىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر بەلباغ، بىر يول قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگىچە كېڭىيىپ، تاشقى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى بوشلۇقى كېڭەيمەكتە.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق