باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ جۇڭگو-بلارۇسىيە سانائەت باغچا رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-05-12 16:35:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 12-ماي مىنسىكىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكونىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچا رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى بىلەن سانائەت باغچا رايونىغا كەلگەندە، لۇكاشىنكۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۈتىۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى لۇكاشىنكو بىلەن بىللە سانائەت باغچا رايونىدىكى قۇم مودېلنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە سانائەت باغچا رايونى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە باغچا رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. سانائەت باغچا رايونىدا بېلارۇسىيە بالىلىرى سىزغان خىيالىي سانائەت باغچىسىنىڭ رەسىمى ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىندى. بىغۇبار، ئوماق بېلارۇسىيە بالىلىرى شى جىنپىڭغا ئۆزلىرى سىزغان رەسىمنى سوۋغا قىلدى، ئۇلار رەسىمدە ئۆزلىرىنىڭ سانائەت باغچا رايونىغا بولغان تەلپۈنىشىنى تەسۋىرلىگەن. شى جىنپىڭ بىلەن لۇكاشىنكو سانائەت باغچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ رايونغا دەسلەپتە كىرىپ ئورۇنلاشقان كارخانىلارغا گۇۋاھنامە بېرىشىگە شاھىد بولدى ھەمدە باغچا رايونىغا كىرىشنى نىشانلىغان كارخانىلار سانائەت باغچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا بۇ رايونغا كىرىش كېلىشىمىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە سانائەت باغچا رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئىمزا قويدى. جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچا رايونى مىنسىكى ئايرودرومى ئەتراپىغا جايلاشقان، پىلاندىكى كۆلىمى 91.5 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ بېلارۇسىيە سودىگەر چاقىرىپ مەبەغ جەلپ قىلغان ئەڭ چوڭ تۈر، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق