باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
بەشتىن بىر قىسىم زېمىن ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-05-08 15:42:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بايلىق، مۇھىت ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىدا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ %20 تىن ئارتۇق زېمىنىنى ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنىڭ قوغداش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشتىكى ھالقىلىق تەدبىر قىلىدۇ. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى-مۇھىت ئىقتىدار رايونىدا بېكىتىلگەن دۆلەت ۋە رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان رايون چېگرا كونترول سىزىقىنى كۆرسىتىدۇ، قىزىل سىزىق ئىچىدە كەڭ كۆلەمدىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە سانائەت تەرەققىيات پائالىيىتى قىلىشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتىشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، شېنجېن، شېنياڭ، داليەن ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتتى ھەم ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىنى چىقاردى، كەلگۈسىدە ئېكولوگىيە قىزىل سىزىق رايونى-ئېلىمىز زېمىنىنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى بىر مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن كېيىن، دۆلەت قاتلىمىغا كۆتۈرۈلگەن يەنە بىر ھاياتلىق سىزىقى، ئېكولوگىيە سىزىقىنى بېكىتىش-دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىدىن ھالقىشقا بولمايدۇ، قىزىل سىزىق تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش-ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ شەرتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق