باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-05-01 09:49:16

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى، يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى» نىڭ سىناق نۇسخىسى، «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە كۆزلىمە نىشان بىربىرىگە ماس بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر زور بولدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويغاندا ئاممىۋىي چىقىمنى كۆپەيتىپ، باجنى ئازايتىش، ھەقنى ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەبلەغنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئەستايىدىل تاللاپ، مەبلەغ سالىدىغان بازار بولۇشقا، ئۇزاق مۇددەت پايدىغا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى تۈرلىرى، ئەمەلىي گەۋدە كەسپىدە بىر قىسىم مەبلەغنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئىستىمال تەلىپىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش؛ بازار مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زاپاس مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، ئۆي مۈلۈك بازىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئېلىمىز ئىقتىسادىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئاچقۇچى قىلىش؛ خېيىمخەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەركەز دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرىشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىسادىي خىزمەتتە كونا يولغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىپ، ئىقتىساد ئىقتىساسلىقلىرىنى بايقاپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى، جەمئىيەتنىڭ ھاققانىيلىقى ۋە ئادىللىقىنى قوغداش قاتارلىق يېڭى ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ئاساسىي سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، نىزام جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۇنجى پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار نىزامنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇللۇق بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىزامدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى. ئىستراتېگىيەنىڭ يادروسى بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك راۋانلاشتۇرۇپ، نوپۇس، ئىقتىساد مەركەزلەشكەن رايوننى سەرخىللاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق