باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ پاكىستان پارلامېنتىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-22 09:06:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پاكىستان پارلامېنتىدا «جۇڭگو-پاكىستان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش ئۇلۇغ ئارزۇسىغا كۈچ چىقارماقتا. بىز يېقىندىن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادتا ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، جۇڭگو-پاكىستان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، رايون مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈلگىلىك رول ئويناشقا ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاجمىز.

1-جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ دائىملىق ئۆز ئارا زىيارىتى ۋە ئۇچرىشىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە ئۆز ئارا قوللىشى كېرەك.

2-جۇڭگو بىلەن پاكىستان مەجبۇرىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەنپەئەتىنى يۇغۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارىدور قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، گىۋادار پورتى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسپىي ھەمكارلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر قوشۇلغان تۆت ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن بارلىق پاكىستان خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپ، بۇ رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى نەپكە ئىگە قىلىشى لازىم.

3-جۇڭگو بىلەن پاكىستان پىكرىنى بىر يەردىن چىقىرىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتۈشى كېرەك. بۇ يىل-جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى، بىز شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىمىز؛ ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ كۆپرەك ئالماشتۇرۇشى، كۆپرەك ئالاقە باغلىشىغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم. جۇڭگو كەلگۈسى بەش يىلدا پاكىستانغا ئىككى مىڭ ئادەم تەربىيەلەپ بېرىدۇ ھەم پاكىستاننىڭ مىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

4-جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىخەتەرلىك خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىغا ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

5-جۇڭگو بىلەن پاكىستان مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقئارا ماسلىقنى كۈچەيتىشى؛ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، مۇھىم يەر شارى ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-پاكىستان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش-ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ قارار قىلغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، بىز بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە ئېچىشقا تۈرتكە بولايلى.

شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن جۇڭگو ياردەم قىلغان پاكىستان پارلامېنت بىناسى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق