باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ئىزدىنىش ژۇرنىلىغا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق يولىدا ماڭايلى ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-07 17:51:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىغا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق يولىدا تەۋرەنمەي ماڭايلى ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىيۈزۈلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشتا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىك، ئۆز سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەنلىك.جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق يولىدا مېڭىش زور تېما، كۆپلىگەن ئىشلاردا چوڭقۇر ئىزدىنىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق ئىشلاردا ئۇزۇن مەزگىل چىڭ تۇرۇش كېرەك.

1.جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ نېگىزى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى.دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زۆرۈر ۋەزىپە.

2.خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇنىڭدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش،خەلققە بەخت يارىتىش،خەلقنى قوغداش لازىم.

3.قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.بۇ قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە،تۈرلۈك ئىشلاردا رىئايە قىلىشتا گەۋدىلىنىشى كېرەك.

4.دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرىكتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. قانۇن يازما شەكىلدىكى ئەخلاق، ئەخلاق قەلبتىكى قانۇن، قانۇن بىلەن ئەخلاق جەمئىيەتتىكى ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش رولىغا ئىگە. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ھەم قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ھەم ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇش ھەم قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش رولىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئەخلاقنىڭ تەربىيىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش،قانۇن بىلەن ئەخلاقنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

5.جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى جۇڭگو ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئالاھىدىلىك ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. پارتىيىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى زور نەزەرىيىسى بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ئىلمىي قائىدە مەدىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق