ۋاشىنگتون پېئارل خاربور ئارىلى ۋەقەسىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
0
2015-12-08 16:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 7- دېكابىر 2- دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارىدا پېئارل خاربور پورتى ۋەقەسىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋاپات بولغانلارنى ئەسلەپ، تارىخنى ياد ئەتتى. شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە يەنە پېئارل خاربور پورتى ۋەقەسىدە ھايات قالغانلار ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان 20 نەچچە پېشقەدەم جەڭچى تەكلىپ قىلىندى. مۇراسىمدا، پېشقەدەم جەڭچىلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈل قويدى. پېئارل پورتى ۋەقەسىدە ھايات قالغانلارغا گۈل تەقدىم قىلىنغاندىن كىيىن مۇخبىرلار زىيارەت قىلدى. 1941- يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ھاۋايدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بازىسى پېئارل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىنى ۋە يۈزگە يېقىن ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلغان. پېئارل پورتى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئامېرىكا تەرەپتىن 2 مىڭ 400 كىشى قازا قىلغان، ئارقىدىن ئامېرىكا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.

 

W020151210616263359065.jpg
W020151209541046453839.jpg
ۋاشىنگتون پېئارل خاربور ئارىلى ۋەقەسىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلىدى