باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-29 13:19

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 70-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم «ھەمكارلىشىپ تەڭ ئالىدىغان يېڭى شېرىكلەرنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 3-سېنتەبىر جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى. تارىخنى ئەسلەش-ئاداۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن بىرلىكتە ئىبرەت ئېلىش. تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش-ئۆتمۈشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى كېلەچەكنى يارىتىپ، تىنچلىقنىڭ مەشئىلىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزۈش. (چاۋاك) شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 21-ئەسىردە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشماسلىقى، قارشىلاشماسلىقى، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى لازىم. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، توغرا ھەققانىيەت، مەنپەئەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەققانىيەتنى مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇشى كېرەك. (چاۋاك) شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئادىل، ھەققانىي، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز؛ بىز ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساق بولۇپ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆرۈنمەس قول بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان قولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازارنىڭ رولى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان قېلىپلاشقان ئەندىزىنى ئورنىتىشىمىز لازىم. بۈگۈنكى دۇنيادا يەنىلا 800 مىليون ئادەم كۆك نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا، ھەر يىلى ئالتە مىليونغا يېقىن بالا بەش ياشقا كىرمەيلا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا، 60 مىليونغا يېقىن بالا ئوقۇشسىز قالماقتا. ئەمدىلا يېپىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى تۈزۈپ چىقىلدى. بىز ۋەدىمىزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە ئادەم نامراتلىقتا ياشىمايدىغان، تەرەققىي قىلىدىغان، ئىززەت-ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك. (چاۋاك) شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۆزلىشىشىمىز، چەتكە قاقماسلىقىمىز؛ ئالماشتۇرۇشىمىز، ئورنىغا دەسسەتمەسلىكىمىز لازىم. خەلقئارا جەمئىيەت يەر شارى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يولى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي، ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى داۋاملىق قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈش ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما ئازايتىش ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز. (چاۋاك)

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر مىليارت 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، مەيلى ئۆزىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرسۇن، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ تەسىر دائىرىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. (چاۋاك) جۇڭگو يەر شارى تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر تۆھپە قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. (چاۋاك) شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىگە تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ھەم پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى باشتىن-ئاخىر قوغدايدۇ، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ھەم سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى قەتئىي قوللايدۇ. (چاۋاك) جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر بېلىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. (چاۋاك)

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر