باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىغا زىيارەت» - چېگرا ئانىسى-بۇرۇماخان مولدوۋ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيارغەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-08-12 09:19

 

ئۆز مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت خەۋىرى:

ئۇ 19 يېشىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدە چېگرا ئوفىتسېر جەڭچىلىرىگە ياردەملىشىپ چېگرا قوغداپ كەلدى، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا يولىنى قوغدىدى، بۇ ئۇزۇنلۇق 7 سەددىچىن سېپىلىگە تەڭ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا يولدىشى بىلەن دۇڭگۇراما تېغىنى چارلىغاندا، نۇرغۇن تاشلارنىڭ ئۈستىگە قىرغىزچە «جۇڭگو» دەپ خەت ئويغان. ئۇ ھەربىيلەرنى ئۆز پەرزەنتىدەك ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتسىمۇ، لېكىن چامىسىنىڭ يېتىشىچە چېگرا ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىگە قوي سويۇپ تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، شۇڭا چېگرا ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىگە ئۇنى«دۇڭگۇراما ئانا» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ دەل ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن كەنتىدىكى 70 ياشتىن ئاشقان بۇرۇماخان مولدوۋ، ئۇ 2006-يىلى «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

1999-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇرۇماخان ئانا قوي سويۇپ قوينىڭ ئىسسىق قېنىنى جەڭچى لو چىخۈينىڭ ئۈششۈپ قالغان پۇتىغا سۈركەپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇرۇماخان ئانا قارا يامغۇردا تاغ ئاتلاپ 7 سائەت مېڭىپ كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان جەڭچىلەرگە يېمەكلىك ئاپىرىپ بېرىدۇ، نەتىجىدە يول يۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پۇتلىرى قاناپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن ھەربىيلەرنى ناھايىتى تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئالىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر