باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
بېيدەيخېدىكى يازلىق دەم ئېلىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە مۇڭداشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-12 12:44:46

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: بېيدەيخې 4-ئاۋغۇستتىن 9-ئاۋغۇستقىچە 15-تۈركۈمدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتۈۋالدى.

5-ئاۋغۇست، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇتەخەسسىس ئىختىساسلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىشمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ياخشى سەھنە. مۇتەخەسسىسلەر خاتىرجەم دەم ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا كەڭ كۇشادە مۇڭداشتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق