ئايال مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالدى
0
2019-08-29 16:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، گەنسۇ ۋۇۋېينىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جياڭ باۋخوڭ دېلوسىغا دىڭشى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى، ئۇ 2009-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە 14 مىليون 395 مىڭ 500 يۈەن پارا ئالغان.

«70-يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ نازىر دەرىجىلىك ئايال بۇندىن بۇرۇن، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، گۇرۇھۋازلىق ھەمدە ھوقۇق-مەنپەئەت سودىسى قىلغان.

جياڭ باۋخۇڭ، 1974-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، خېيلۇڭجياڭ خۇلەن رايونىدىن، ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت گەنسۇ ئۆلكىلىك مۇقىملىقنى قوغداش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلغان، 2012-يىلىدا ۋۇۋېيغا يۆتكەلگەن، شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2016-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان.

دېلو ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، جياڭ باۋخۇڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى؛

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، جياڭ باۋخۇڭ پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى ھەمدە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، تەپتىش تارماقلىرى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جياڭ باۋخۇڭ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دىڭشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى؛

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بەلگىلەنگەن باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە، ئۇنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى تەپتىش مەھكىمىسى دىڭشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى.

سوتتا مۇنداق دەپ ئەيىبلەندى: 2009-يىلى 5-ئايدىن 2018-يىلى 6-ئايغىچە، جياڭ باۋخۇڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 2-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ۋۇۋېي شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋۇۋېي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن 14 مىليون 180 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ دوللار، 300 گىرام ئالتۇننى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، بۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 14 مىليون 395 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن.

سوتتا جياڭ باۋخۇڭ ئاخىرقى سۆزىنى بايان قىلدى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، جياڭ باۋخوڭدا يۇقىرىقى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بار ئىكەن. ۋۇۋېي شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان مەزگىلدە، مەرتىۋە قوغلىشىپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، سىياسىي كاپىتال ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جايلارنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يۆتكىۋەتكەن.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىشقا كۆپ قېتىم قاتناشقان؛ خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كۆپ قېتىم كىرىپ چىققان، ئېسىل زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلغان. تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان؛ ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىش يۆنىلىشىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلغان.

پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغاتنى قوبۇل قىلىش؛ ھوقۇق-مەنپەئەت سودىسى قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلىگەن.

تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان.

گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى جياڭ باۋخۇڭنى قاتتىق تەنقىدلەپ ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: جياڭ باۋخۇڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە- ئېتىقادىنى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يوقىتىپ، قىممەت قارىشىنى بۇرمىلاپ، سىياسىيدا چەتنەپ، ئىقتىساددا ئاچكۆزلۈك قىلىپ، تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.

 

F201908281647081456700574.jpg