بۇلارغا قاراڭ!ئۈندىداردا"خاتا گەپ قىلىش"نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق...
0
2019-08-28 18:10:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئۇ گەرچە ئۈندىدار خىزمەت توپىدا بىر نەچچە ئېغىز راست گەپ قىلدىم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما شىركەت تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ۋە نام-شۆھرەت زىيىنى بولۇپ 460 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىش توغرىسىدا سوتقا تارتىلدى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، جياڭ خەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دەۋادا يەڭگەنلىكىنى بىلىپ ئېغىر نەپەس ئالدى.

ئۈندىدار كىشىلەر كۈندىلىك ئالاقە قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت توپى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۈندىدارنى خىزمەت ئالاقىسىگە ئىشلىتىدۇ. ھالبۇكى، ئۈندىداردا ھۆكۈمەت بىلەن شەخسىي ئالاقە ئارىلىشىپ كېتىش تۈپەيلىدىن ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە.

مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈندىدارنى ئاشكارا سورۇن دەپ قارىمايدىغانلىقى، سەلبىي مەزمۇنلارنى ئېلان قىلمايدىغانلىقى، كارخانىلار ئۈندىدار توپىنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ يوقلۇقى، ناچار ئاقىۋەت پەيدا بولغاندا ئېغىر جازالاشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان تالاش-تارتىشلارنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

توپتا "راست گەپ قىلىپ" 460 مىڭ يۈەن تۆلەمگە قېلىش

جياڭ خەن داليەندىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۈندىداردا 38 كىشىلىك بىر توپ قۇرغان.

بۇ يىل 3-ئايدا، بىر كۇرسانت داۋاملىق ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلىدىغان ۋاقتىم يوق، ئۆگەنگۈم كەلمىدى دەپ ئوقۇش ھەققىنى قايتۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شوپۇرلۇق مەكتەپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سەۋەبىدىن، كۇرسانتلار تەخمىنەن بىر ھەپتە ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلالمىغان ئىدى. جياڭ خەن بۇ كۇرسانتنىڭ پەقەت ئىككى قېتىم ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەقنى قايتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن سورىغان ھەمدە رەھبەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۈندىدار توپىدا "مەكتەپنىڭ بىر پارچە كېلىشىمى بار ئىمزا قويۇشقا بولمايدۇ، ئۈستىگە "شەخسىي سەۋەب" دەپ يېزىلغان، لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ قايتا تۈزگەن كېلىشىمى، پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرىدۇ" دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

جياڭ خەن مۇخبىرغا، كۇرسانتلار بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويسا شەخسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان دەپ قارىلىپ پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئەسكەرتىپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئەسكەرتىش بىلەن 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش ھەققىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شوپۇرلۇق مەكتىپى جياڭ خەن بىلەن تۈزگەن "تىجارەت ھەمكارلىق توختامى"نى بىكار قىلىش، 260 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيان ۋە 200 مىڭ يۈەن نام-شۆھرەت زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
 

جياڭ خەن سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئىنتايىن ھەيران قالغان، ئۇ باشقا كۇرسانتلار ھەقنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، مەكتەپ ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان توختامغا ئاساسەن، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىغان. مەكتەپ تەرەپ بولسا، جياڭ خەن شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بولغاندىكىن، شوپۇرلۇق مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈندىدار توپىدا ئېيتقانلىرى كارخانىنىڭ تىجارەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلدى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلىشى ھەمدە مەكتەپنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، جياڭ خەن قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلمىغان، شوپۇرلۇق مەكتىپىگە زىيان يەتكۈزگەن دەلىل-ئىسپات يوق دەپ قارىدى. 300 دىن ئارتۇق كۇرسانتنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش ئىشىغا قارىتا، ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن ھەمدە ئوقۇش پۇلى مەسىلىسى توغرىسىدا شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھەقنى قايتۇرۇش بىلەن جياڭ خەننىڭ سۆزلىرىنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ تۆلەم تەلىپىنى رەت قىلغان.

شېنياڭ شەھىرىدىكى مۇشۇ خىلدىكى دېلولارنى سوت قىلىدىغان سوتچى جېڭ خۇڭ مۇنداق دەيدۇ: ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن يالغان گەپ قىلىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى قاتتىق جازالاشقا ھەتتا ئىشتىن بوشىتىشقا بولمايدۇ. 

جېڭ خۇڭ مۇخبىرغا، ئۆزىنىڭ خىزمەت جەريانىدا كۆپ قېتىم مۇشۇ خىلدىكى "بالا تېرىغان ئۈندىدار توپى" سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىش دېلولىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسىلەن، مەلۇم خىزمەتچى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن خىزمەتچىلەر ئۈندىدار توپىدا بىر نەچچە ئېغىز كوتۇلدىغاندا، باشقا خىزمەتچىلەر ۋە خېرىدارلار بۇنى كۆرگەن. شىركەت بۇنى شىركەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان سالدى دەپ قاراپ، قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بويىچە بۇ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتقان؛ يەنە بىر خىزمەتچى شىركەتنىڭ ئۈندىدار توپىدا كادىرلار ئىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شىركەت "كادىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىنىڭ ئىجتىمائىي باھالىنىشىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى" دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ خىزمەتچىدىن روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلغان ھەم ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىزمەتچى خىزمەتچىلەر توپىدا سېرىق مەزمۇندىكى ۋىدىيو ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، شىركەت "ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى" غا خىلاپلىق قىلدى دەپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان.

جېڭ خۇڭ مۇنداق دەيدۇ: ئۈندىدار توپىدىكى خىزمەت ماجىراسى دېلولىرىغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، خىزمەتچىنىڭ سۆزىگە ئاساسەنلا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقامدۇ؟ ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا جازالىنىش كېرەكمۇ ياكى بىۋاسىتە ئىشتىن بوشىتىلامدۇ؟ خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي سۆزلىرى شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئىسپاتى قىلىشقا بولامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەنىمۇ ئويلىشىپ ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.

 

0.jpg