دىققەت! ئۈندىداردا مۇنداق قىلماڭ!
0
2019-08-27 18:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

«ماشىنىڭىزنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى توشتى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا يىللىق تەكشۈرۈش قىلسىڭىز بولىدۇ». يېقىندا فۇجيەن چۈەنجۇدىكى شۈ ئەپەندى يۇقىرىقى قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئەسكەرتمىسىگە ئاساسەن، «فۇجيەن ماشىنىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش» ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ، ئۇلانما ئارقىلىق بىر تور ئادرېسىغا كىرىپ بانكا كارتا نومۇرى، موتور نومۇرى، كارتا مەخپىي نومۇرى ۋە قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش كودىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 2000 يۈەن پۇلى ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن.

كېسەل كۆرسىتىش، كارتىسىنى ئاچقۇزۇش، ئىش بېجىرىشلارنى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا ئالدىن كېلىشىش كۆپ ئۇچرايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا ئىش بېجىرىشكە ئادەتلەندى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئالدامچىلار نۆۋەتتە ساختا ئورگان ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغان، بەزى ئالدامچىلار ساختا ئىسىم بىلەن مۇنتىزىم ئورگانلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان، بەزىلەر ساختىلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ سودا-سانائەت كىنىشكىسى، قانۇنىي ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلغان.

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا ئىش بېجىرىشكە ئادەتلەندىڭىزمۇ؟ ساختا نومۇرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭ

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاز بولمىغان كىشىلەر ئاممىۋى نومۇرنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، مەشغۇلات قىلغاندا ئادەتتە تەپسىلىي ماتېرىيالنى بېسىپ، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرنىڭ تىزىملىنىش، گۇۋاھلىق بېرىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىگىلىمەيدىكەن.

جېجياڭدىكى چېن خانىم ئىلگىرى بىر ساختا ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىغا ئەگەشكەچكە، يېڭىلا بېجىرگەن كىرېدىت كارتىسىدىن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالداپ ئىستېمال قىلىنغان. قاتناش بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسىنى بېجىرگەن، كېيىن ھېساباتنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن چېن خانىم ئۈندىداردىن «قاتناش بانكىسى مەركىزى كارتا بېجىرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش» نامىدىكى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە بۇ ئاممىۋى نومۇرغا ئەگىشىپ، تور بەتتىكى مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلغان، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ئەر ئۆزىنى قاتناش بانكىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دېگەن. بۇ ئەر چېن خانىمدىن كىرېدىت كارتا نومۇرى ۋە يان تېلېفون نومۇرىنى سوراپ، چېن خانىمنىڭ يان تېلېفونىغا دەلىللەش كودىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

چېن خانىم قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تاپشۇرۇۋالغان تۆت دەلىللەش كودىنى قارشى تەرەپكە ئېيتىپ بەرگەن، ئارقىدىن 5-دەلىللەش كودىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن چېن خانىم دەلىللەش كودىنى ناتونۇش كىشىگە خالىغانچە ئېيتىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئالغان. چېن خانىم تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپ، قاتناش بانكىسىنىڭ ئورگان ئالاقىلىشىش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرگەن، لېكىن كېچىككەن، بانكىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ چېن خانىمغا ئېيتىشىچە، كىرېدىت كارتىسىدا جەمئىي 1414 يۈەن تۆت قېتىم ئىستېمال قىلىنغان.

چۈەنجۇ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ساقچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساختا پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى نومۇرلىرى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىشتىن باشقا، بۇ ئىككى يىلدا يەنە ساختا توردا قەرز پۇل ئېلىش، توردا مال سېتىۋېلىش، ۋاسىتىچى ئورگانلار قاتارلىق ئاممىۋى نومۇرلىرىدىمۇ ئالدامچىلىق دېلولىرى كۆرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەكلىپىنى بەردى

كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدىكى ئىسىم ۋە ماتېرىياللارنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشى، كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىقلاردا يوچۇق بار ئىكەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىنتېرنېت تورى سۇپىسى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە، پۇل تۆلەش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەردىكى ئاممىۋى نومۇرلاردا خادىملارنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، تەسىس قىلىش بوسۇغىسىنى ئېگىزلىتىپ، ئالدامچىلىق قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئۈندىدار ئورگان ئەترىتىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىچە، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئاممىۋى نومۇر تەسىس قىلغان ئابۇنىتلار چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشى، قانۇنغا خىلاپ ياكى «ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى مۇلازىمەت كېلىشىمى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. سۇپا ھازىر «بانكا» تۈرىدىكى قويۇلغان ئاممىۋى نومۇر ئىسىملىرىغا چېتىشلىق ئاممىۋى نومۇرلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار پۇل-مۇئامىلە تەپسىلاتلىرىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۈندىداردىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساختا ئاممىۋى نومۇر قىلمىشىغا ئىزچىل زەربە بېرىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ، بىر تۈركۈم ساختا شېئىر، ھۆسنخەت، رەسىم مۇسابىقىسى، ساختا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، ساختا يۇقىرى پايدىلىق سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش، ساختا تېز يەتكۈزۈش تۆلىمى قاتارلىق تۈزۈمگە خىلاپ نومۇرلارنى بىر تەرەپ قىلغان.

ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئەترىتى ئابۇنىتلارغا مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى : ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئاممىۋى نومۇرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدىكى «تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال» نى چېكىپ كىرىپ، ئاممىۋى نومۇرنىڭ كونكرېت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش كېرەك، ساختا نومۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ ۋاقىتلاردا بىر قىسىم شەخس، شەخسىي سودا-سانائەتچى ياكى ماس كەلمەيدىغان گەۋدە بولىدۇ.

بىراق، كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ زىيارەت جەريانىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە ھوشيار بولۇشى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشتىكى بىر تەرەپ ئىكەن، لېكىن يەنىمۇ مۇھىمى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن ئۈندىدار سۇپىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەككەن، ئىستېمالچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ بىر مەسئۇلىيەتچان كارخانىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەن.

企业微信截图_15667245174513.png
企业微信截图_1566721788743.png