بايراملىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى
0
2019-08-27 16:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قاچان دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؟

جۇڭچيۇ بايرىمىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنامدۇ؟

جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

...

بۇلار كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!



9-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2019-يىلىدىكى قىسمەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، 2019-يىلىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىدا 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بىركۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈن بىلەن ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

بېيجىڭ شەھىرى ئېلان قىلغان جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «2019-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلدى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، 2019-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (جۈمە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى ھېسابلاش

«ئەمگەك قانۇنى» غا ئاساسەن، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئەمگەكچىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغاندا تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمىسا، بېرىلىدىغان ھەق مائاشنىڭ %200 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئەمگەكچى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %300 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى مائاش، ئىش ھەققى كىرىمىگە قوشۇلۇپ، قانۇن بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭچيۇ بايرىمىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن ئېلىنىدىغان يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ

«چوڭ بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» گە ئاساسەن، ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن تۆت بايرامنى ھەمدە شۇ يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرىقىدەك بايراملار ۋە ئۇلاپ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

جۇڭچيۇ بايرىمىدىن كېيىن، يەنە قانداق دەم ئېلىش بار؟

«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2019-يىللىق قىسمەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» غا ئاساسەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭچيۇ بايرىمىدىن باشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن دۆلەت بايرىمى بار، يەنى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى (يەكشەنبە) ، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

 

 

企业微信截图_15667245174513.png
企业微信截图_1566721788743.png