ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگە نېمە ئۈچۈن بارغىلى بولمايدۇ؟
0
2019-08-20 17:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئەمەلىيەتتە، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە بارغىلى بولمايدۇ ئەمەس بەلكى ھازىر ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئاي شارى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە ئەۋەتىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي شارى مەڭگۈ بىر يۈزى يەر شارىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگە تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ قويۇلسا، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دىئامىتىرى 3400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئاي شارىنى تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ، بىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق خەۋەرگە ئېرىشەلمەيمىز، تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەر شارى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويىدۇ. تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ بارلىق خىزمەت ھالىتىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئالاقە مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق بىر كۈچلۈك سىگنالنىڭ ئاي شارىنى تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئەگەر بۇ خىل ئەسۋاب بولسا ئاي شارى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولۇپ، ئاي شارىغا چىقمايلا ئۇنى چۈشەنگىلى بولاتتى. شۇڭا ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە نېمە ئۈچۈن بارغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تاشقى پىلانېت ئادەملىرى ياكى ufo دىن قورقۇپ ئەمەس بەلكى بىخەتەرلىك ۋە ئارقا يۈزىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس، شۇڭا ھازىرغا قەدەر ئاي شارى ماشىنىسى ياكى باشقا تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ئاي شارىنىڭ ئوڭ يۈزىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ.

ئاي شارىنىڭ كەينىدە زادى نېمە بار؟

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار 1959-يىلى ئاتالمىش ئاي شارىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرگەن، ئەينى چاغدا ئىنسانلار ئامال قىلىپ ئالەم كېمىسىنى ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاي شارىنىڭ كەينىدىكى سۈرەتلەرنى تارتقان.

ئاي شارى بىلەن يەر شارىدا بىر خىل مۇكەممەل «تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش» بار، ئاي شارى ئۆزىنىڭ توغرا ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاي شارى ھەم يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىدۇ ھەم ئۇ ئايلىنىدىغان ئىككى دەۋر ئوخشاشلا 27.3 كۈن بولۇپ، يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا ئۇ مەڭگۈ يەر شارىغا بىر يۈزلىنىشنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

1124897634_15662738206551n.jpg
1124895154_15662168464281n (1).jpg
1124895526_15662298451531n.jpg