مېركىل بىر كىيىمنى 23 يىل كىيدى
0
2019-08-20 17:22:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يېقىندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 23 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان كىيىمىنى كىيىپ ئاشكارا سورۇندا يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغان بولۇپ، بۇ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يەنە نۇرغۇن تورداشلار ئۇنى «ئاددىي-ساددا» دەپ ماختىغان.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى 19-چېسلا گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مېركىل يېقىندا بىر ياپونچە پاسوندىكى كىيىم كىيگەن، بۇ كىيىمنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، مېركىلنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ دەپ خەۋەر قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىيىمنى مېركىل 23 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا سېتىۋالغان. 2002-يىلىدىكى بىروئىت مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مېركىل ئۇنى كىيىپ پائالىيەتكە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 2008-يىلى، 2014-يىلى، 2017-يىلى ۋە 2019-يىلى بۇ كىيىمنى كۆپ قېتىم كىيگەن. نۇرغۇن تورداشلار مېركىلنىڭ بۇ ئىشىدىن زوقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنى ناھايىتى ئاددىي-ساددا ئايال دېگەن.

65 ياشلىق مېركىل 1954-يىلى 7-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ 2005-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيە زۇڭلىلىقىغا سايلانغان، كېيىن 2009-يىلى، 2013-يىلى ۋە 2018-يىلى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. تۆت قېتىم گېرمانىيە زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان مېركىل غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن سىياسىي رەھبەرگە ئايلانغان. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رەسمىي ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2021-يىلى زۇڭلىلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن «پېنسىيەگە» چىقىپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

1124897634_15662738206551n.jpg
1124895154_15662168464281n (1).jpg
1124895526_15662298451531n.jpg