ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامدىكى«ئورتاق مۇداپىئە»نىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە «شېرىكلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:20

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە- فىلىپپىن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نەنخەي دېڭىزىدا فىلىپپىننىڭ ئايروپىلان، پاراخوت ياكى قوراللىق قىسىمىغا قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم ئامېرىكا- فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىنى قوزغىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاغزىدىكى بۇ ئورتاق مۇداپىئە ئاڭلىماققا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ راستتىنلا ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى راستتىنلا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. مەيلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھەربىي گۇرۇھ بولسۇن ياكى ئامېرىكا-ياپونىيە، ئامېرىكا-كورېيە، ئامېرىكا-فىلىپپىن قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاق بولسۇن، ھەممىسى ئورتاق مۇداپىئە ياكى كوللېكتىپ مۇداپىئە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، قىلىۋاتقىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قۇۋلۇق ۋە شۇملۇق.

  ئەڭ تىپىك بولغىنى ئۆزىنى «رايون خاراكتېرلىك، مۇداپىئە خاراكتېرلىك» تەشكىلات دەپ ئاتىۋالغىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «ئورتاق مۇداپىئە» نامى بىلەن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرغان. سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھالاك بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرەپ-تەرەپتە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، قورال كۈچى ئىشلەتتى، يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى، ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە، سۇرىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2001-يىلىدىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قوزغىغان ۋە قاتناشقان ئۇرۇشتا نەچچە يۈز مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ، نەچچە ئون مىليون ئامما يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان. ھازىر ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇرۇش ئوتىنىڭ قايتا يامرىشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەدەپ شەرققە كېڭەيگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاپەت. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى داۋاملىق شەرققە كېڭىيىپ، رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك بوشلۇقىنى تارايتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى داۋاملىق ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

  ئاتالمىش «ئورتاق مۇداپىئە» ئامېرىكا قۇراشتۇرۇپ چىققان ھەربىي ئىتتىپاق تورىنىڭ ئەڭ چوڭ «دەسمايىسى»، لېكىن ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بازارغا سالغان «خەۋپسىزلىك كاپالىتى» ئىتتىپاقداشلىرىنى بىخەتەر قىلالمىدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئېغىرلاشتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىك ئېغىرلاشتى، نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى... ئەمەلىيەت شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىشى، قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى پەقەت رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ ياكى توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى ئەمەس، بەلكى «خەۋپسىزلىك ئەندىشىسى»نى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئۆزىگە تېخىمۇ تايانغۇزۇش.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتالمىش «ئورتاق مۇداپىئە» ئەمەلىيەتتە «ئەگەشكۈچىلىرى»نى سەپنىڭ ئالدىدا جېدەل چىقىرىشقا قۇترىتىپ، «ئاتامان»ى بولسا ئارقا سەپتە تۇرۇپ ھەيۋە كۆرسىتىش، ماھىيەتتە قارا جەمئىيەت «توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش»تۇر.
ئامېرىكىنىڭ «ئىتتىپاقداشلار سىستېمىسى»دا ئوخشىمىغان ئەمەلىي كۈچ ئاتالمىش «ئورتاق مۇداپىئە»نىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ قىزىقىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. ئاتالمىش ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى، ئامېرىكا-كورېيە ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى، ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىلىرىدىكى جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئالاھىدە ئەھۋالدا شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ۋاز كەچسە بولىدۇ.

2017-يىلى 5-ئايدا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى ئەھدىنامىسى»نىڭ 5-ماددىسى، يەنى كوللېكتىپ مۇداپىئە ماددىسىدىكى ۋەدىسىنى قائىدە بويىچە قايتا تەكىتلىمىگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى پېتىر ئاپس ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى توغرىسىدىكى «ھەل قىلغۇچ جەڭنى توسۇش» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ياۋروپا باشتىن-ئاخىر ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدىن نارازى بولۇپ كەلدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش مۇداپىئە ۋەدىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن خىراجەتنى ئۈستىگە ئالدى. ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگۈچىلەرگە ھەمىشە غايەت زور قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قوشۇمچە قىلىنغاچقا، ئامېرىكا ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسى پۇلغا تىقىلىپ كەتتى. خۇددى ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى يىئىن مارتېن تەسۋىرلىگەندەك، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ۋە  بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايدىغان «ئىتتىپاقداش»لار مەڭگۈ «بىر ئىمپېرىيەنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ياشايدۇ» خالاس.

  تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامدىكى«ئورتاق مۇداپىئە»نىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە «شېرىكلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش»

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە- فىلىپپىن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نەنخەي دېڭىزىدا فىلىپپىننىڭ ئايروپىلان، پاراخوت ياكى قوراللىق قىسىمىغا قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم ئامېرىكا- فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىنى قوزغىتىدۇ.