ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«فۇيۈشەن تېغى» ئاستىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئويغىنىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:22

  جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بولىۋىيەنىڭ پوتوسى دېگەن يېرىدە كۈمۈش كېنى مول بولغان «فۇيۈشەن تېغى» بار. تارىختا بۇ يەر ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كۈمۈش كانىنى بايقىشى بىلەن بىر مەھەل ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان. ھالبۇكى، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تالان-تاراج ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋاتلىقتىن كېيىنكى پوتوسى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە نامراتلىق دەۋرىيلىكىگە پېتىپ قالدى.

  پوتوسى بولىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پوتوسى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئەسلىدە ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئىدى، 16-ئەسىردە ئىسپانىيە تەرىپىدىن ئىگىۋېلىنغان. غايەت زور كۈمۈش كانلىرىنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ،  پوتوسى بولىۋىيەنىڭ كانچىلىق شەھىرىگە ئايلانغان. بۇ دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كان. شۇ يىلى كۈمۈش كانى بايقالغانلىقى ئۈچۈن «فۇيۈشەن تېغى» دەپ ئاتالغان.

  مۇخبىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شۇ جايدىكى يول باشلىغۇچى خوننى مونتېسنىڭ ياردىمىدە، بارلىق كان ئىشچىلىرىغا ئوخشاش بېشىغا كان قالپىقى، پۇتىغا يامغۇرلۇق ئاياغ، ئۇچىسىغا كان ئىشچىلىرى كىيىمى كىيگەن، بېشىنىڭ چوققىسىدىكى كان چىرىغىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان باتارېيە گۇرۇپپىسىنى يۈدۈپ، بىر-بىرىنى يۆلەپ كان قۇدۇقىنىڭ ئالتە خىزمەت قەۋىتىدىكى توشۇش قەۋىتىگە كىردى، بۇ قەۋەت يەر يۈزىگە ئەڭ يېقىن بولۇپ، تەخمىنەن 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىدى.

  كان قۇدۇقىنى چاڭ-توزان قاپلىغان بولۇپ، نەم ھاۋا سۆڭەكتىن ئۆتەتتى. «فۇيۈشەن تېغى» كان قۇدۇقىدا بارلىق كان چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل قاراڭغۇلۇق ۋە جىمجىتلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، شۇ دەقىقىدە ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمگەندەك بولىدۇ. مونتېسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كان چىرىغىدا توك بولمىسا، كان ئىشچىلىرى قايتىدىغان يولنى تاپالمايدىكەن، يورۇقلۇقنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىكەن.

  پېنسىيەگە چىققان 67 ياشلىق كان ئىشچىسى خۇلىئو رېيېس تاغ ئېتىكىدە ئولتۇراتتى. ئىگىلىنىشىچە، رېيېسنىڭ دادىسى كاندا 30 نەچچە يىل ئىشلىگەن، كېيىن ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. پوتوسىدىكى كان ئىشچىلىرى ئائىلىسىدە، ئەر خوجايىن ئۆلۈپ كەتسە، پەرزەنتلىرى تۇرمۇش ئۈچۈن يەنە كان ئىشچىسى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، پوتوسىدىكى ئائىلە مانا مۇشۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

  مونتېسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى كان ئىشچىسى بولۇپ، دادىسى ۋە تاغىلىرى كان قۇدۇقىدا خىزمەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. كان ئىشچىلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى پىششىق بىلىدىغان ئۇ ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى خالىماي، نەچچە يىل ئىلگىرى كەسىپ ئۆزگەرتىپ يول باشلىغۇچى بولغان، ھازىر ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن تۆت قېتىم ئۆمەك باشلاپ كانغا كىرىپ، كىشىلەرگە مۇستەملىكە دەۋرىدىكى قۇللۇق تۈزۈمىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  پوتوسى شەھەر مەركىزىدىكى بولىۋىيە دۆلەتلىك پۇل قۇيۇش زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنىغا كەلسىڭىز، بۇ يەردىكى نۇرغۇن قەدىمىي ئارخىپتا ئىندىيانلارنىڭ قۇل قىلىنغانلىق تارىخى خاتىرىلەنگەن.

  كۈمۈش قېزىلغاندىن كېيىن ياۋروپاغا توشۇلىدۇ، كۈمۈش كانىنى قېزىشتىن پەقەت مۇستەملىكىچىلەرلا پايدا ئالغان. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق قېزىش ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى ئارقىسىدا، بۇ يەردە كۈمۈش كان بايلىقى ھېچقانچە قالمىغان ئىدى. پوتوسىدا ھازىرغىچە ئىپتىدائىي كان قېزىش ئۇسۇلى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئەسلىمىلا قالدى.

  بولىۋىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاناكۇنى مۇنداق دېدى: تارىختىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نامراتلىقنى دەل غەرب ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بولىۋىيە ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىر قېتىملىق يېڭى ئاممىۋى ئويغىنىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىلگىرى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە كاپىتالىزمنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نى تەشكىل قىلغان. بۇ يېڭى سىياسىي پۇرسەت ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتىمىز.

  بولىۋىيە كان ئىشچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى گونسالو كىسپېي مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت بولۇپمۇ كانچىلىق ساھەسىدە سانائەتلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، خەلققە پاراۋانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، سىرتنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

  پوتوسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئىۋېي كوردوۋا مۇنداق دېدى: پوتوسى شەھەرلىك پارلامېنت تەكلىپنى تەستىقلىدى، ماكرولۇق قاتلامدىن مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك تىپ ئۆزگەرتىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە بايلىقنى شەھەرنىڭ يېڭى تەرەققىيات موتورىغا ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

  كوردوۋا ئىشخانىسىدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قاتنىشىنىڭ قولايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساياھەت رايونىنى ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساياھەت پىلانى ۋە مەدەنىيەت لايىھەسى قاتارلىقلارنى مەكتەپنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزىدۇ، بىلىم ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

  كوردوۋا «يېڭى پوتوسى»نىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتمەكتە، بۇ شەھەر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە قەدەم تاشلىماقتا

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«فۇيۈشەن تېغى» ئاستىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئويغىنىش

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بولىۋىيەنىڭ پوتوسى دېگەن يېرىدە كۈمۈش كېنى مول بولغان «فۇيۈشەن تېغى» بار. تارىختا بۇ يەر ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كۈمۈش كانىنى بايقىشى بىلەن بىر مەھەل ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان. ھالبۇكى، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تالان-تاراج ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋاتلىقتىن كېيىنكى پوتوسى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە نامراتلىق دەۋرىيلىكىگە پېتىپ قالدى.