باش بەت>>ساغلاملىق
دېرىزە پەردىلىرى ئەڭ ياخشىسى پاختا رەختتىن بولغىنى ياخشى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-08 09:48:03

 

نۇرغۇن كىشى ئادەتتە گۈل – نەقىشلىرى كۆركەم، رەڭگى چىرايلىق، پارقىراق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق دېرىزە پەردىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى ئاساسەن كۆمۈر بىلەن نېفىتتىن كېلىدىغان بولغاچقا، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ناچار، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنداق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاسان پارچىلىنىدىغان بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلار بولغاچقا، سالامەتلىككە زىيانلىق گازلارنى قويۇپ بېرىدۇ. دېرىزە پەردىلىرىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولمىغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا مەلۇم توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ، بىر قىسىم نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، دېرىزە پەردىلىرىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى، سالامەتلىككە زىيانلىق تەركىبلىرى بولمىغان تەبىئىي پاختا رەختتىن ئىشلەنگەن دېرىزە پەردىلىرىنى تاللىغان ياخشى. ئەگەر كۆركەم ھەم چىرايلىق خىمىيەلىك سىنتېتىك تالالاردىن توقۇلغان دېرىزە پەردىلىرىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، ئامال بار ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق