باش بەت>>ساغلاملىق
ئەتىگەندە يېيىشكە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-08 09:45:21

 

كاربونلۇق ئىچىملىك: كىشىلەر روھىنى تېتىكلەشتۈرۈش كويىدا ئەتىگەندىلاكاربڭنلۇق ئىچىملىك ئىچىدۇ، لېكىن ئۇلار كاربونلۇق ئىچىملىكتە قەنت كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا سەھەردە ئىچكەن كاربونلۇق ئىچىملىك بەدەنگە زىيان قىلىدۇ، ھەتتا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۇراقسىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك: سەھەردە بەك ياغلىق يېمەكلىكىنى يېمىگەن تۈزۈك، چۈنكى ياغلىق يېمەكلىكنىڭ ئېنېرگىيەسى كۆپ، ھەزىم بولمىقى تەس، شۇڭا قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئۇزاققىچە يۇقىرى ھالەتتە تۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىك: تاتلىق يېمەكلىك ئادەمنى سەمرىتىپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككە پايدىلىق ھورمۇنغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. قاندىكى قەنت ئۆرلەپ، كۆرۈش تور پەردىسى، بۆرەك ۋە نېرۋا ئۇچلىرىغا زىيان سالىدۇ.

ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك: تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى: «ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكىنى كۆپ يېسە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %63 كۈچىيىدۇ، ناشتىدا شوخلا ۋە زەمبۇرۇغسىمان كۆكتاتلارنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن تۈزۈك».


ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق