باش بەت>>ساغلاملىق
بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا ...
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-08 09:42:25

 

بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ چوڭراق بالىلار مۇبادا تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرسە، يېتىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇسا ھەمدە بەدىنىدە سىنىك، خىرول، ۋىتامىن قاتارلىقلار كەمچىل بولسا كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا دۇچار بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دېيىشتى: «يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-، 5 - يىللىقىدىن باشلاپ كۆپىيىپ بارىدۇ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىقىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا يۇقىرى باسقۇچقا چىقىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىق يەنە بىر يۇقىرى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇغا قانماسلىقتىن، كۆز ئەتراپىدىكى سەزگۈ نېرۋىلىرى ۋە قوشۇمچە سەزگۈ نېرۋىلار ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ».


ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق