ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، يازلىق ئاشلىق، مايلىقداندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:41

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ئاپرېل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىدا پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يازلىق ئاشلىق، مايلىقداندىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى تەدرىجىي پۇختىلاندى، «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى.

  ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى جىڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە بولغان مۇز، توڭ، يامغۇر ۋە جۇدۇنلۇق ھاۋارايىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى پەن ۋېنبو يىغىندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرلىك مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت نىشانىنى بېكىتىش كېرەك. ھازىر بۇ يىل يازلىق ئاشلىق، مايلىقدان ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سېلىندى.

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسى ئاشتى، يېزا ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى داۋاملىق جانلاندى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. لى جىڭخۇي مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى ئېچىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى قېزىپ، يېزا-كەنت كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، يازلىق ئاشلىق، مايلىقداندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى، دېدى

بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىدا پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يازلىق ئاشلىق، مايلىقداندىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى تەدرىجىي پۇختىلاندى، «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى،