ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:41

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ تەشكىللىگەن «جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 19-ئاپرېل جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدىكى سۇجۇ مۇزېيىدا باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىدە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي ئىزلارنى بايقاش، داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، قەدىمىي كەنت، قەدىمىي كوچىلارنى قوغداش، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار چۆرىدىلىپ، «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش»، «جۇڭگونى زىيارەت قىلىش»، «جۇڭگونى ساياھەت قىلىش»، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئىگە جۇڭگو»، «ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو» قاتارلىق نۇقتىلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنىدۇ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرى كۆپ تەرەپتىن ئىستېرېئولۇق خەۋەر قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تۇرمۇشى ۋە گۈزەل مەنىۋى ئىستىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت جەۋھىرى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەنىۋى بەلگىسى قېزىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە جۇڭگو يولىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى نامايەن قىلىنىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ تەشكىللىگەن «جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 19-ئاپرېل جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدىكى سۇجۇ مۇزېيىدا باشلاندى.