ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، قۇرۇلما ئەلالىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 08:57

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، قۇرۇلما ئەلالىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
  بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %73.7 بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 3.9 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، مول «ھېس قىلىش شەكلىدىكى» ئىستېمال ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 1-پەسىلدە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى بىر قەدەر يۇقىرى گۈللىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، %10.8 ئاشتى؛ تاشقى سودىدىن قارىغاندا، بىر پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مال سودا كۆلىمى ئون تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يەككە پەسىلدە تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون يۈەندىن ھالقىپ، ئېشىش سۈرئىتى %5 بولۇپ، ئالتە پەسىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ساپ ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %14.5 كە يەتتى. مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گو تىڭتىڭ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلار سودىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، 1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئېكسپورتى %24.2، ئىمپورت %14.3، كومپيۇتېر ۋە زاپچاس ئېكسپورتى %8.6 ئاشتى، بۇمۇ كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى نامايان قىلدى.

  چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ سانى 12 مىڭغا يېتىپ، %20.7 ئاشقان، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 301 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەنىلا تارىختىكى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان؛ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 242 مىليارد 920 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان مەبلىغى بىر قەدەر تېز ئاشقان.

  گو تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى ئىستېمالنىڭ سىجىل كېڭىيىشىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، قۇرۇلما ئەلالىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى

چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ سانى 12 مىڭغا يېتىپ، %20.7 ئاشقان،