ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى. رۇسىيە: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى ستاۋروپول چېگرا رايونىدا چۈشۈپ كەتتى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:33

  ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات باش ئىدارىسى 19-ئاپرېل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ۋىدېيو ۋە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەردە بۇ ئىدارە ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇ22M3-تىپلىق يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇ22M3-تىپلىق بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى شۇ كۈنى ۋەزىپىنى تاماملاپ بازىغا قايتىش سەپىرىدە ستاۋروپول چېگرا رايونىدا چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى، بىر ئادەم قازا قىلدى، بىر ئادەمنىڭ ئىزدىرىكى بولمىدى. تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن دەپ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىندى. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ سۆزىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى. رۇسىيە: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى ستاۋروپول چېگرا رايونىدا چۈشۈپ كەتتى، دېدى

شۇ كۈنى سەھەردە بۇ ئىدارە ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇ22M3-تىپلىق يىراق مۇساپىلىك