ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا «ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېدى، ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىمىز دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 09:14

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى 15-ئاپرېل: ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا «ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى كابىنېتى شۇ كۈنى، نەچچە سائەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىشنى قارار قىلدى، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى 16-ئاپرېل داۋاملىق يىغىن ئېچىپ قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بۇ رايوندا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىران خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا رىئايە قىلىدۇ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قىسمەن ھەربىي بازىلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق تەدبىر بولۇپ، ھەربىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى 15-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئۇنىڭ ئىدراكى ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، ئىران «ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ باقمىغان قوراللىرىنى ئىشلىتىش» كە تەييارلىنىپ بولدى.

  غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 15-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 68 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 94 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززە رايونىدا 33 مىڭ 797 ئادەم قازا قىلدى، 76 مىڭ 465 ئادەم يارىلاندى.

  لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگراسىدا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 15-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي چېگرىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ئىسرائىلىيە ئەسكىرى يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر. لىۋان جىنجۇ داڭى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى چېگرا ھالقىپ لىۋان زېمىنىغا كىرگەندە، لىۋان جىنجۇ داڭى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ پارتلىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 15-ئاپرېل لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۆيگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان. بىر ئايال بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا يارىلانغان.

  ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرلىقى 15-ئاپرېل غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىدىكى قەرز پۇلى بىر ھەسسە ئېشىپ كەتتى، دېدى. 2023-يىلى ئىسرائىلىيە 160 مىليارد شېكىل (تەخمىنەن 308 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە توغرا كېلىدىغان) لىك قەرز توپلىغان، بۇنىڭ يېرىمى 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن كۆپەيگەن.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا «ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېدى، ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىمىز دېدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى 15-ئاپرېل: ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا «ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېدى.